新疆分校

您当前位置:新疆公务员考试网新疆人事考试网 > 新疆教师招聘考试 > 招考信息 > 2016年新疆维吾尔自治区面向社会公开招聘学前双语特

2016年新疆维吾尔自治区面向社会公开招聘学前双语特岗教师简章(维文

2016-05-20 17:06:02 新疆公务员考试网 //xj.huatu.com/ 文章来源:互联网

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش

  يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئالاھىدە

  ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى

  تەكلىپ قىلىش نىزامى

   ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، «مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەستىقى» (م م [2014] 378-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ئى ت [2010] 108-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۈشى» (ش ئا ج ت [2013] 141-نومۇرلۇق)دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز 2016-يىلى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  بىرىنچى، تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى

  «ئاشكارا، ئادىل، رىقابەتلىك بولۇش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش.

  ئىككىنچى، تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى

  1. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى

  پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر؛

  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ:

   1) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرى (ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئىستىپا بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ ۋاقتى بىر يىلغا يەتمىگەن ئوقۇتقۇچىلار؛

  2) ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقانلار؛

   3) ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلارغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن، مۇلازىمەت ۋاقتى تېخى توشمىغان خادىملار؛

   4) يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلۇق ئىمتىھانى، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆچۈرۈش، ساختىلىق ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار؛

  5) مەمۇرىي جازاغا ئۇچراپ تېخى جازاسى بىكار قىلىنمىغانلار؛ ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار ياكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەلگەنلەر، شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىققا قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللىرى بارلار.

  يوقىرى ئەھۋاللارغا چېتىلىدىغان ۋاقىت چېكى بىردەك سىناق ئىشلىتىش مۇددىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە 2016-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  2. ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش شەرتلىرى

  1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇش؛

   2. سىياسىي ساپاسى ياخشى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛

  3. يېشى 30 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇش (1986-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇش)؛

  4. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلالايدىغان تەن ساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛

  5. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسىپ تەلىپى ۋە ئوقۇش تارىخى تەلىپى:

   1) كەسىپ تەلىپى: ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىنىڭ ئۆگەنگەن كەسپى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تۈرىدىكى كەسىپ بولۇشى شەرت (ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپكە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى، بالىلار مائارىپى كەسپى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ)؛

  2) ئوقۇش تارىخى تەلىپى: پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش (بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخى پەقەت مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئېرىشكەن ئوقۇش تارىخىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش تارىخىنى، «3+2» ئالىي كەسپىي مائارىپ بويىچە پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ئىچىگە ئالىدۇ)؛

  3) كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا چوڭلار ئالىي مائارىپىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسنى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇپ پۈتكۈزگەنلەر (ئۆزلىكىدىن ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىزىملاتسا بولىدۇ؛

  6. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى ۋە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ:

   1) ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان تىزىملاتقۇچىلاردىن MHK دەرىجە سەۋىيەسى 3-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان تىزىملاتقۇچىلاردىن پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 2-دەرىجىنىڭB دەرىجىسىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە: ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 2016-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا MHK دەرىجە سەۋىيەسى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەمما، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، 2016-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققان بولسا، ئىش ئورنىغا چىقىپ بىر يىل ئىچىدە چوقۇم تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئورنى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.

   2) تىزىملىتىش شەرتىدىكى مىللەت ئايرىمىسى خەنزۇ بولۇش دېيىلگەن ئىش ئورنىغا، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار ۋە ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تىزىملاتسا بولىدۇ.

  7. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تەلىپى: ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىگە مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە: ئالدىنقى يىللىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر تىزىملاتماقچى بولغان ئىش ئورنى تەلەپ قىلغان مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولۇش، 2016-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلار تىزىملاتماقچى بولغان ئىش ئورنى تەلەپ قىلغان مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنى تەمىنلەپ بېرەلمىسە، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتلىرىنى ھازىرلىرىشى ھەمدە 2016-يىل 9-ئايدا ئىش ئورنىغا رەسمىي چىققاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تىزىملاتقان ئىش ئورنى تەلەپ قىلغان مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشى شەرت. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلاش بولسا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ئوقۇش تارىخى تەلىپىگە چوقۇم ئۇيغۇن كېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ياكى پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىنىڭ 6-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

   8. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا ماس كېلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك باشقا شەرتلەرنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»دىن كۆرۈۋېلىڭ.

  ئۈچىنچى، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىلى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن 3551 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى. ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش نىزامى، ئىمتىھان ئىزاھاتى، ھۆججەت ئۇقتۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە «ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش» ئىستونىدا ئېلان قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى» ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ( تور ئادرىسى: http://www.xjedu.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (تور ئادرىسى: http://www.xjrs.gov.cn) دە ئېلان قىلىنىدۇ.

  تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەسلى بولسا، تەكلىپ قىلىنغۇچى ئالدى بىلەن يېزا يەسلىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېكىتىلگەن ئىش ئورنىغا بېرىپ 3 يىل خىزمەت قىلىدۇ. خىزمەت مۇددىتى توشقان ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىل لاياقەتلىك باھالانسا، ئاندىن ئىشتاتى بېكىتىلگەن يەسلىگە قايتىپ خىزمەت قىلىدۇ. تەكلىپ قىلغۇچى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن (ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يەسلى بولسا، تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتى ۋە بېكىتىلگەن ئىش ئورنى بىردەك تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپتە بولىدۇ.

  تۆتىنچى، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى

   1. توردا تىزىملىتىش (2016-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 16:00 دىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)

   تىزىمغا ئالدۇرۇش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر ئادەم بىر ئىش ئورنىغا تىزىملىتىدۇ، ئېشىپ كەتسە ئىناۋەتسىز. تىزىملاتقۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇ، تەلەپ بويىچە تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق رەسىمىنى (يېقىندا ئۇدۇلدىن باش كىيىمسىز چۈشكەن گۇۋاھنامە رەسىمى، فورماتى jpg، ھۆججەت سىغىمى 10-100kb ئىچىدە بولۇش) يوللايدۇ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى توردىن چۈشۈرىدۇ ھەم بېسىپ چىقىرىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، يالغان، ساختا ئۇچۇر بىلەن تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  2. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش (2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە)

   سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچى ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈتۈشكە بېرىشى شەرت (مەسىلەن: تىزىملاتقۇچى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا، چوقۇم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتنىشىشى شەرت). بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى 2016-يىل پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھاۋالە قىلىش يولى بىلەن سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشسا بولىدۇ. كونكرېت ئورۇن، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

   ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشقاندا، تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك: ① كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛ ② ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى. ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنى تېخى ئالمىغان 2016-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئورنى چىقىرىپ بەرگەن، 2016-يىلى 7-ئايدىن ئىلگىرى نورمال ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يازمىچە ئىسپات ماتىرىيالىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، ئىسپاتتا ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، ئوقۇغان كەسپى ۋە تەربىيەلىنىش شەكلى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك، ئۆزلىكىدىن ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بىجىرىش ئىسپاتىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى چىقىرىپ بېرىدۇ؛ ③ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدىكى MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسى، پۇتۇڭخۇا دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛ ④ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛ ⑤ «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي» ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي باشقارمىسى چىقىرىپ بەرگەن «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي» ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتىنى تەمىنلىشى كېرەك؛ ⑥ « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى تەمىنلىشى كېرەك.

   سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، نەتىجىسى نەق مەيداندا ئىمتىھان بەرگۈچىگە ئۇقتۇرۇلىدۇ. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نۇمۇرى (12 خانىلىق) ئارقىلىق ئىمتىھان ئورنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى ۋە يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى ھەمدە بېسىپ چىقىرىۋېلىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلىدۇ، ناۋادا يالغان ئېيتىش، ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ قالسا، سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  توردىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئورنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى ۋە يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىت: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10:00 گىچە.

  3. يازما ئىمتىھان

   ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم يازما ئىمتىھان بېرىش كېنىشكىسىدە ئەسكەرتىلگەن ۋاقىت، دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، كېملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن ئۈنۈملۈك ۋاقىتلىق كىملىك، ئىمتىھان بېرىدىغان ئورنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى ئېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك. يۇقىرىقىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەر ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

  (1) يازما  ئىمتىھان ۋاقتى :

  2016-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى  سائەت  10:00 دىن سائەت  12:00 گىچە

  (2) يازما ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى

   ئاپتونوم رايوندىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە كۇيتۇن شەھىرىدە يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان بېرىدىغان ئىمتىھان نۇقتىسىنى ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ.

  (3) يازما ئىمتىھان پەن تۈرى

   يازما ئىمتىھان پەن تۈرى بىر بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بالىلار مائارىپىغا ئالاقىدار كەسىپلەر توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئىگىلەش ئەھۋالى ۋە ئۇنى قوللىنىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بالىلار مائارىپى ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ (تەپسىلاتىنى ئىمتىھان ئىزاھاتىدىن كۆرۈۋېلىڭ).

  (4) ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش

   « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھان سۇئالى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش چىقىرىدۇ، ئىمتىھان سوئالى خەنزۇچە چىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تولۇق نومۇر 100 نومۇر بولىدۇ.

  (5) يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى، يازما ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش

   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى بىرتۇتاش بېكىتىدۇ. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى يازما ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ. يازما ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

  4. يۈزتۇرانە ئىمتىھان

  (1) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە

   (2) يۈزتۇرانە ئىمتىھان نۇقتىسى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى. يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ئورنى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۇرسە بولىدۇ.

  (3) يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا تەشكىللەش:

   يۇزتۇرانە ئىمتىھان خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

  (4) يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنى بېكىتىش:

   يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن، ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تىزىلىپ، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 3:1 نىسبىتى بويىچە (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 1:4 نىسبىتى بويىچە) يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار بېكىتىلىدۇ.

  (5) يۈزتۇرانە ئىمتىھان مەزمۇنى: تەپسىلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتىنىڭ «ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش» ئىستونىدا ئېلان قىلىنىدىغان يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئىزاھاتىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

  (5) يۈزتۇرانە ئىمتىھان تەلىپى:

  1) يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن بىركۈن بۇرۇن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرانە ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30 مىنوت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا يىغىلىشى كېرەك. يۈزتۇرانە ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلسە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

   2) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى تەمىنلىشى كېرەك. گۇۋاھنامىلەر تولۇق بولمىسا، يۈزتۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

  3) يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 100 نومۇر، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 60 نومۇر.

  5) كۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، بايقىلىپ قالسا، يۈزتۈرانە ئىمتىھان سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  5. ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش (2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى)

   ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئومۇمىي نەتىجە = يازما ئىمتىھان نەتىجىسى × %50 + يۇزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى × %50 . يۇزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ.

  6. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش (2016-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە)

   سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانىغا ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە ۋە ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن ئىلگىرى (كونكرېت سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ) ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىملىتىشى، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش چارىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» ( ش م ئو [2010] 8- نومۇرلۇق)، «يەسلى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تولۇقلىما كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش م پ ئى [2011] 14-نومۇرلۇق) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باشقىچە قاراشتا بولسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋىرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ، سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرۈتۈش نەتىجىسى ئاخىرقى نەتىجە قىلىنىدۇ، ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار تەكلىپ قىلىنمايدۇ، ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوش قالغان ئىش ئورنىغا يۇزتۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلايدۇ.

  ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا بەلگىلىمە بويىچە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ، ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاپتونوم رايونۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بۇ ئىش ئورنىغا ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلايدۇ.

  7. تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش (2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە)

   تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. يۇزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەم يۇزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، بىراق تىزىملاتقان ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالماي قالغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئومۇمىي نەتىجىسىنى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تىزىش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆز جايىنىڭ ياكى باشقا جاينىڭ بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرىغا تەڭشىلىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا تەڭشەشكە بويسۇنىدىغانلىقىنى تاللاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. تەڭشەيدىغان ۋاقىتتا شەخسنىڭ پىكرى ئېلىنمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكلىپ قىلىنىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالىغاندا ئاندىن تەڭشىلىش سالاھىيىتى بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىشى كېرەك. تەڭشەلگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىرتۇتاش سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بوش قالغان ئىش ئورنىغا قايتا نامزات تولۇقلانمايدۇ.

  8. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش (2016-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە)

   ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈنلەي لاياقەتلىك بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىم سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

  9. تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش (2016-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى)

   سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا باشقىچە پىكىر چۈشمىگەن تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملار تىزىملىكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

  10. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش (2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە)

   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

  11. تەكلىپ قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش (2016-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن)

   يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىرتۇتاش تارقىتىلغان «تەكلىپ قىلىنغانلىق تىزىملىتىش قەغىزى»، كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ جايلاردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، گۇۋاھنامىلەر تولۇق بولمىسا تىزىمغا ئالمايدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى: ئالدى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ بىرتۇتاش تىزىملىتىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئاندىن تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون)لۇق مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكلىپ قىلىنغان يەسلىگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلغان ناھىيە (شەھەر، رايون) لىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن تەكلىپ قىلىش توختامى ئىمزالايدۇ، تەكلىپ قىلىش مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ، تەكلىپ قىلىش مۇددىتى ئىچىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كادىر ئىشلىرى باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ. 3 يىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلارغا رەسمىي ئىشتاتقا ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ. يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چوقۇم 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تەكلىپ قىلغان ناھىيە (شەھەر، رايون) لىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

  ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە سەۋەبسىز قاتناشمىغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان شۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللىگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  بەشىنچى، نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەلەپلەر

   تەكلىپ قىلىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبول قىلىپ، تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغانلارغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قارىتا، ئەدىلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ تەكلىپ قىلىنىپ بولغانلار بولسا، تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىللىق مائارىپى ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىغا چىقىپ ئۈچ يىلغىچە ئىش ئورنىدىن يۆتكەلمەيدۇ ھەمدە مەمۇرلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغىمۇ بولمايدۇ.

  ئالتىنچى، ئالاقىدار ئىشلار

   بۇ «نىزام»دا بېكىتىلگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلار ئالاھىدە ئىشلار يۈز بېرىش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ قالسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  بۇ «نىزام»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

  مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى: 7606272، 7606238، 7606250-0991

  نازارەت قىلىش تېلېفونى:

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى: 7606199-0991

  توردا قوللاش تېلېفونى: 7606092، 7606281-0991

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى


  ——推荐阅读——

    

招考公告——2022新疆教师资格证报考公告

  教资考题——2022新疆中小学教师资格证考题

  考试技巧——2022教师资格证备考技巧

  相关问题——教师资格证笔试考试内容有哪些?

  教师面试——2022教师资格证面试0元课

新疆公务员考试网推荐:

新疆人事考试网

新疆华图微信公众号

想了解此公告考试内容及更多精彩信息,请扫码关注

在线咨询

新疆华图微信客服

扫描二维码,添加总客服,获取更多备考资料!

更多招考

 以上为本文的全部内容,由新疆公务员考试网提供,希望对考生有所帮助!更多新疆公务员招考信息,请加新疆公务员考试交流群新疆公务员考试网,及关注新疆公务员考试招考资讯/新疆人事考试网

(编辑:我叫安琪拉)
有报考疑惑?在线客服随时解惑

公告啥时候出?

报考问题解惑?报考条件?

报考岗位解惑   怎么备考?

冲刺资料领取?

立即咨询
2020年新疆省考笔试辅导课程
华图教育:xinjianght
想考上公务员的人都关注了我们!
立即关注

10万+
阅读量
150w+
粉丝
1000+
点赞数

联系我们
微信二维码

新疆华图教育官方微信

新疆华图

乌鲁木齐市沙依巴克区西北路887号

NAGA尚院3楼(哈密路下车)

北京华图宏阳文化发展股份有限公司

新疆分公司

客服热线:0991-4539521

网站:http://xj.huatu.com

  • 乌鲁木齐
  • 昌吉
  • 伊犁
  • 博乐
  • 阿克苏
  • 哈密
  • 阿勒泰
  • 石河子
  • 库尔勒
  • 喀什
  • 克拉玛依
  • 和田
  • 吐鲁番
  • 塔城

乌鲁木齐市沙依巴克区西北路887号NaGa尚院3楼

客服热线:0991-4539521

网站:http://xj.huatu.com

昌吉南公园西路中石油教育培训4楼

客服热线:0994-6539099

网站:http://changji.huatu.com/

伊宁市解放西路上海城成鑫商业写字楼4楼华图教育(1路,101路,12路公交车站上海城门口站向西200米)

客服热线:0999-8097780

网站:http://yili.huatu.com/

博乐市青得里大街新华书店四楼华图教育

客服热线:0909-2225670

网站:http://bole.huatu.com/

阿克苏市大十字新农大厦13楼

客服热线:0997-6830139

网站:http://akesu.huatu.com

哈密市天山北路豫商大厦14楼4号

客服热线:0902-2308211

网站:http://hami.huatu.com

阿勒泰市温州大酒店10楼

客服热线:0906-2138242

网站:http://aletai.huatu.com

石河子市光明大厦二单元12楼(兵团设计院)

客服热线:0993-2018859

网站:http://shihezi.huatu.com

库尔勒人民东路豪景大厦1001室

客服热线:0993-2018859

网站:http://kuerle.huatu.com

喀什新德商务酒店7楼(喀什电视台对面)

客服热线:0998-2573025

网站:http://kashi.huatu.com

克拉玛依市友谊路16号博达银都酒店613室

客服热线:0990-6615251

网站:http://klmy.huatu.com

和田

客服热线:

网站:http://hetian.huatu.com

吐鲁番

客服热线:18999939621

网站:http://tulufan.huatu.com

塔城

客服热线:15099630950

网站:http://tacheng.huatu.com